6 پاسېياخنىڭ ئوغلى يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى.
ئاندىن ئۇلار ئەفرايىم دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، كونا شەھەر دەرۋازىسىغا كەلدى. ئۇلار بېلىق دەرۋازىسى ۋە خانانئېل مۇنارىدىن ئۆتۈپ، يۈز مۇنارىغا كەلدى. ئۇلار يەنە قوي دەرۋازىسىغا قاراپ داۋاملىق مېڭىپ، قاراۋۇل دەرۋازىسىدا توختىدى.
تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.
پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى.