Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 تىقوۋالىقلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بىراق ئۇلارنىڭ يۇرت باشلىرى قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىلىرىغا بويۇنتاۋلىق قىلدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 3:5
17 Referans Kwoze  

كېيىنكى بۆلىكىنى تىقوۋالىقلار رېمونت قىلدى. بۇ ئۇلارنىڭ رېمونت قىلغان يەنە بىر بۆلىكى بولۇپ، بۈيۈك مۇنار ئۇدۇلىدىن ئوفەل سېپىلىغىچە ئىدى.


تىقوۋا شەھىرىگە ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇ يەردىن بىر دانىشمەن ئايالنى چاقىرتىپ كەلدى. يوئاب ئۇ ئايالغا: _ سەن ھازىدارلىق كىيىملىرىڭنى كىيىپ، ماتەم تۇتۇۋاتقان قىياپەتكە كىرگىن، پەرداز قىلمىغىن. ئۆزۈڭنى ئۇزاقتىن بېرى ماتەم تۇتۇۋاتقان ئايالدەك كۆرسىتىپ،


قېرىنداشلار، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كۆرۈڭلار. كۆپچىلىكىڭلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئاقىللار، كۈچلۈكلەر ياكى ئاقسۆڭەكلەردىن ئەمەس ئىدىڭلار.


ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ بويۇنلىرىغا شۇنچە ئېغىر يۈكنى ئارتماقچى بولىسىلەر؟ ئۇنى ئۆزىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن تۇرسا! ئۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ يولىنى سىنىغان بولمامسىلەر؟!


مۇلايىم ۋە كەمتەرمەن. شۇڭا، مېنىڭ بويۇنتۇرۇقۇمغا كىرىپ، مەندىن ئۆگىنىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، كۆڭلۈڭلار ئارام تاپىدۇ.


ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.


ئاندىن مەنكى يەرەمىيا ئوخشاش بىر ۋەھىينى يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىياغا تەكرارلاپ، مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر سىلەر ياشاشنى خالىساڭلار، بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىغا كىرىڭلار، ئۇنىڭغا بويسۇنۇڭلار. ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە خىزمەت قىلىڭلار.


ئەمما قايسىبىر ئەل ياكى پادىشاھلىق ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدا، يەنى خىزمىتىدە بولمىغۇچە، مەن شۇ ئەللەرنى ئۇ ئارقىلىق جازالايمەن. ئۇلار ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەردە ۋەيران بولىدۇ.


مۇنداق دېدى: _ خۇرۇم تاسما ۋە ياغاچتىن بىر بويۇنتۇرۇق ياساپ، ئۇنى بوينۇڭغا سالغىن.


پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئېيتتى: ‹مېروز ئاھالىسىغا قارغىشلار بولسۇن، مېروز خەلقىگە قارغىشلار ياغسۇن، زەربە بەرمىدى كۈچلۈك دۈشمەنگە ئۇلار.›


خاققوزنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىيانىڭ ئوغلى مىرېموت سېپىلنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىشېزابئېلنىڭ نەۋرىسى بەرەكيانىڭ ئوغلى مىشۇللام ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. بائانانىڭ ئوغلى زادوق ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


پاسېياخنىڭ ئوغلى يويادا ۋە بىسودىيانىڭ ئوغلى مىشۇللام كونا شەھەر دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار لىملارنى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى.


ئۇ بەيتلەھەم، ئېتام، تىقوۋا،


جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار، ئەي بىنيامىن خەلقى! يېرۇسالېمدىن قېچىپ چىقىڭلار! تىقوۋادا بۇرغا چېلىپ، بەيت-ھاككەرەمدە گۈلخان يېقىپ، بەلگە كۆرسىتىڭلار! چۈنكى شىمالدىن بالايىئاپەت كېلىۋاتىدۇ، ئېغىر ۋەيرانچىلىق يېقىنلىشىۋاتىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite