Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 3:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 كولخوزەنىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى شاللۇم بۇلاق دەرۋازىسىنى ۋە دەرۋازا ئۆگزىسىنى رېمونت قىلدى ھەمدە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى. ئاندىن ئۇ پادىشاھ گۈللۈكىنىڭ يېنىدىكى شەلاخ كۆلچىكى سېپىلىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن چۈشىدىغان پەلەمپەيگىچە رېمونت قىلدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 3:15
19 Referans Kwoze  

ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.) ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى.


_ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى.


ئۇلار بۇلاق دەرۋازىسىغا كەلگەندە، پەلەمپەيلەردىن چىقىپ، «داۋۇت شەھىرى»نىڭ ئەتراپىدىكى سېپىلنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە چىقتى. ئاندىن ئۇلار داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىدىن ئۆتۈپ، شەرقتىكى سۇ دەرۋازىسىغا كەلدى.


سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟


ئاندىن مەن بۇلاق دەرۋازىسىدىن ئۆتۈپ، شاھ كۆلچىكىگە باردىم. بىراق ئېشىكىم خارابلىقتىن ئۆتەلمىدى.


شۇنىڭ بىلەن يەرەمىيا مىزپاھ شەھىرىدىكى ئاخىقامنىڭ ئوغلى گىداليانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشىدى. يەرەمىيا ئۇ يەردە يەھۇدىيە زېمىنىدا قالغان كىشىلەر ئارىسىدا تۇردى.


رېكابنىڭ ئوغلى، يەنى بەيت-ھاككەرەم رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مالكىيا قىغ دەرۋازىسىنى رېمونت قىلدى. ئۇلار دەرۋازىنى ياساپ، قاناتلىرىنى ئورنىتىپ، بولتىلاپ، بالداقلىرىنى بېكىتتى.


ھاللوھېشنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ باشقا بىر يېرىمىنى باشقۇرىدىغان شاللۇم قىزلىرى بىلەن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


خۇرنىڭ ئوغلى، يەنى يېرۇسالېم شەھەر رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى رىفايا ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى.


خىزكىيا يۇقىرى تەرەپتىكى گىھون بۇلىقىنىڭ ئېقىنىنى توسۇپ، غەربكە، يەنى تۆۋەندىكى «داۋۇت شەھىرى»گە ئېلىپ كىردى. ئۇ ھەممە ئىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى.


بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا قاراپ قاچتى.


(باشقا قەبىلىلەرنىڭ مىزپاھقا توپلانغانلىقىنىڭ خەۋىرى دەرھال بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتىپ باردى). ئىسرائىللار ھېلىقى لاۋىيدىن: _ بىزگە بۇ پەسكەش ئىشنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگىن، _ دەپ سورىدى.


شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


بىراق ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.


يېشۇۋانىڭ ئوغلى، يەنى مىزپاھ شەھىرىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەزەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى، يەنى قورال ئامبىرىغا چىقىدىغان يولنىڭ ئۇدۇلىدىن سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغىچە رېمونت قىلدى.


سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم.


شۇنداق قىلىپ، داۋۇت قەلئەنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ۋە بۇ قەلئەنى «داۋۇت شەھىرى» دەپ ئاتىدى. داۋۇت يېرۇسالېم شەھىرىنى تىندۇرۇلغان يەردىن باشلاپ كېڭەيتىپ قۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite