9 پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سەركەردىلەر بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۇندۇم.
سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن پادىشاھتىن پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەلەپ قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۆزىگە تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.
مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە بېرىشىمغا يول خەت پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا.