Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:8
18 Referans Kwoze  

بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر، ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ، پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ، لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.


مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى خانانيانى تەيىنلىدىم.


خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى.


لېكىن خۇدانىڭ نەزىرى يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، پارس ئەمەلدارلىرى پادىشاھ دارىئوسقا مەكتۇپ تۇتۇپ جاۋاب ئالغۇچە، ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى توسمىدى.


ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.


مېنىڭ سىلەرگە بولغان قىزغىنلىقىمدەك قىزغىنلىقنى تىتۇسنىڭ قەلبىگە سالغان خۇداغا شۈكۈرلەر بولغاي!


بىراق، خۇدا بۈگۈنگىچە ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى قوغدىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن بۇ يەردىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ ئالدىدىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مېنىڭ ئېيتقانلىرىم مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ھەققىدە ئالدىن ئېيتقانلىرىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.


ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.


مەن باغلارنى ياساپ، ئۇلارنىڭ ئىچىگە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىكتىم.


سۇ كۆلچەكلىرىنى قازدۇرۇپ، بېغىمدىكى دەل-دەرەخلەرنى سۇغاردىم.


مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-سېلىق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite