Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 مەن پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدىم: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرىغا پېقىرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارقىلىق يەھۇدىيەگە بېرىشىمغا يول خەت پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:7
6 Referans Kwoze  

مەنكى پادىشاھ ئارتاخشاستى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ بارلىق خەزىنە ئەمەلدارلىرىغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئەرشئەلادىكى خۇدانىڭ قانۇنىنى پىششىق بىلىدىغان روھانىي ئەزرانىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى تېزدىن بەجا كەلتۈرۈڭلار.


پادىشاھ مېنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن سەركەردىلەر بىلەن ئاتلىق لەشكەرلەرنى ئەۋەتتى. مەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىگە كەلگىنىمدە، پادىشاھنىڭ مەكتۇپىنى ئۆلكە باشلىقلىرىغا سۇندۇم.


ئۇلار يەنە پادىشاھ ئۆزلىرىگە ھاۋالە قىلغان مەكتۇپنى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكە باشلىقلىرى بىلەن ئەمەلدارلارغا يەتكۈزۈپ بەردى. ئۇلار ئىسرائىل خەلقىگە ۋە خۇداغا بېغىشلانغان ئىبادەتخانىغا ياردەمدە بولدى.


شۇڭا پادىشاھ دارىئوس مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىدە سىلەر بىلەن بىرگە ئىشلەيدىغان باشقا ئەمەلدارلارغا پەرمان. سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار.


سەپەردە بىزنى دۈشمەندىن قوغداش ئۈچۈن پادىشاھتىن پىيادە ۋە ئاتلىق لەشكەرلەرنى تەلەپ قىلىش مەن ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش ئىدى. چۈنكى مەن پادىشاھقا: «خۇدايىمىز ئۆزىگە تايانغانلارغا يار بولىدۇ، لېكىن ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ» دېگەنىدىم.


گىبئونلۇق مىلاتيا، مېرونوتلۇق يادون ۋە گىبئون ھەم مىزپاھ شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. مىزپاھ شەھىرىدە فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تۇراتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite