Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 خانىش پادىشاھنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. پادىشاھ مەندىن: _ قانچە ۋاقىت تۇرىسەن؟ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ۋاقىتنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ تەلىپىمگە قوشۇلدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:6
9 Referans Kwoze  

بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغانىدىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىدىم.


ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.


مەن يەھۇدىيە رايونىغا باشلىق بولغان 12 يىل جەرياندا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن 32-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى.


خەلقىڭلاردىن ئادەملەر چىقىپ، كونا خارابىلىكىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇنقى ئۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆيلەرنى سالىدۇ. سىلەر ‹سېپىللارنى رېمونت قىلغۇچى› ۋە ‹مەھەللىلەرنى ياسىغۇچى› دەپ ئاتىلىسىلەر.


پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە


ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ، قاقاسلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ، بۇرۇندىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەرنى قايتا ياساپ چىقىدۇ.


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


پادىشاھقا: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنى ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان يەھۇدىيەنىڭ شەھىرىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite