شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىيلىرى توغرا كۆرسىلە، بابىلنىڭ ئوردا ئارخىپخانىسىدىكى تەزكىرىلەرنى كۆرۈپ باققايلا. پادىشاھ كورەشنىڭ يېرۇسالېمدىكى مەزكۇر ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن-چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئېنىقلاپ كۆرگەيلا. ئاندىن بىزگە بۇ ئىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق كۆرسەتمە بەرگەيلا.»