Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:4
15 Referans Kwoze  

ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا، ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا.


مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:


ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن: - مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى. قارىغۇ: - ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! - دېدى.


سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا، بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.


شاراب ئىچىلىۋاتقاندا، پادىشاھ ئەستىردىن يەنە: _ نېمىنى سورايسەن؟ سورىغىنىڭنى بېرىمەن. نېمىنى تەلەپ قىلىسەن؟ ھەتتا ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.


پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ئەي خانىش ئەستىر، ساڭا نېمە بولدى، نېمە تەلىپىڭ بار؟ ھەتتا سەن ئىمپېرىيەمنىڭ يېرىمىنى تەلەپ قىلساڭمۇ، ئۇنى ساڭا بېرىمەن، _ دېدى.


داۋۇتنىڭ مەسلىھەتچىسى ئاخىتوفەلنىڭ ئابسالوم تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى داۋۇتقا يېتىپ كەلگەندە، داۋۇت پەرۋەردىگارغا: «ئى پەرۋەردىگار، ئاخىتوفەلنى ئابسالومغا ئەخمىقانە مەسلىھەت بەرگۈزگەيسەن» دەپ دۇئا قىلدى.


پادىشاھقا: _ ئەگەر ئالىيلىرى ئۇيغۇن كۆرسىلە، ئىلتىپات قىلىشنى خالىسىلا، مېنى ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان يەھۇدىيەنىڭ شەھىرىنى قايتىدىن بىنا قىلىشقا ئەۋەتكەيلا، _ دېدىم.


مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.


«ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.


ئەرشئەلادىكى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار، ئۇنىڭ مۇھەببىتى ئۆچمەس ۋە ئەبەدىيدۇر.


قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite