Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:20 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

20 مەن جاۋابەن: _ ئەرشئەلادىكى خۇدا بىزنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان بىز بۇ قۇرۇلۇشنى باشلايمىز. سىلەرنىڭ يېرۇسالېمدا ھەققىڭلار يوق، قانۇنىي ۋە تارىخىي ھوقۇقۇڭلارمۇ يوق! _ دېدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:20
21 Referans Kwoze  

بىزنىڭ ئىشىمىزدا سېنىڭ ھەسسەڭ يوق! چۈنكى، خۇدا ئالدىدا نىيىتىڭ خالىس ئەمەس!


زىرۇببابەل، يوشۇۋا ۋە جەمەت باشلىقلىرى ئۇلارغا: _ سىلەر بىز ئىسرائىللارنىڭ خۇدايىمىزغا ئاتالغان بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىشىمىزغا ئارىلاشساڭلار بولمايدۇ! پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن ئۆزىمىز ئەجدادلىرىمىز ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا، يەنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئۇنى قۇرۇپ چىقىمىز! _ دېدى.


پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە


«كورنىلىي! دۇئايىڭ خۇداغا يەتتى. خۇدا نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭدىنمۇ خەۋەردار.


گۇناھسىزلىقىمدىن خۇش بولىدىغانلار، چۇقان سالسۇن چۆمۈپ شادلىققا. «قۇلىنىڭ ئامانلىقىدىن سۆيۈنگەن پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر» دېسۇن ئۇلار ھەر چاغدا.


ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن. بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر. مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.


بۇ نەسىھەتلەرنىڭ بىرىگە ئەمەل قىلىپ، يەنە بىرىگە سەل قارىما، چۈنكى خۇدادىن ئەيمىنىدىغانلار ھەر ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىدۇ.


شاپائىتىڭ بىلەن ياشناتقايسەن سىئون شەھىرىنى، يېڭىباشتىن قۇرغايسەن يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنى.


ئېرىشتۈرگەن غەلىبەڭ ئۈچۈن چۇقان سالىمىز شادلىقتا، تىكلەپ غەلىبە تۇغىمىزنى ئىگىمىزنىڭ نامىدا. ئۇ بارلىق ئىلتىجالىرىڭنى كەلتۈرگەي بەجا.


كورنىلىي ئىنتايىن چۆچۈگەن ھالدا ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ: - تەقسىر، نېمە ئىش؟ - دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: - سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە نامراتلارغا قىلغان خەير-ساخاۋىتىڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەر خۇداغا يەتتى.


بۇ تاج مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويۇلىدۇ. ئۇ خەلداي، توبىيا، يىدايا ۋە زىفانيانىڭ ئوغلى يوشىيالارنى ئەسلىتىدىغان خاتىرە بولىدۇ.»


يېرۇسالېمنىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن مۇنداق دۇئا ئوقۇلسۇن: «سېنى سۆيگەنلەر روناق تاپسۇن،


مەيلى ئەر مەيلى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا كىرسە، چوقۇم ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. بۇ قانۇننى پادىشاھنىڭ پۈتۈن ئەمەلدارلىرى ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى خەلق بىلىدۇ. پەقەت بىرلا ئەھۋال بۇنىڭدىن مۇستەسنادۇر. ئەگەر پادىشاھ چاقىرتىلمىغان ئەھۋالدا ھۇزۇرىغا كىرگەن ئادەمگە سەلتەنەت ھاسىسىنى ئۇزاتسا، ئۇ ئادەم ئۆلۈمدىن ئامان قالىدۇ. مېنى پادىشاھ ھۇزۇرىگغا چاقىرتمىغىلى بىر ئاي بولدى، _ دېدى.


زىكىرىيا ئۇززىياغا خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشنى ئۆگەتتى. ئۇززىيا زىكىرىيا ھايات ۋاقتىدا خۇداغا ئىنتىلدى ۋە خۇدامۇ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى.


شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.


ھارۇن ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكىنى مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارغا دائىم ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.


ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.


ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.


مەن بۇلارنى ئاڭلاپ، لاسسىدە بولۇپ، يەردە ئولتۇرۇپ قالدىم، كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى. كۈنلەپ ھەسرەتتە يۈردۈم، روزا تۇتتۇم ھەمدە ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم:


قوبۇل قىلار پەرۋەردىگار مىسكىننىڭ دۇئاسىنى، رەت قىلمايدۇ غېرىبنىڭ پەريادىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite