Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 مەن قاراڭغۇدا شەھەرنىڭ جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق ئەجدىھا بۇلىقىدىن ئۆتۈپ، قىغ دەرۋازىسىغا باردىم. يول بويى خاراب بولغان سېپىللار بىلەن كۆيدۈرۈۋېتىلگەن دەرۋازىلارنى كۆزدىن كەچۈردۈم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:13
9 Referans Kwoze  

ئۇلار ماڭا سۈرگۈندىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ بارغان يەھۇدىيلارنىڭ قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا ھەمدە خورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكىنى، يېرۇسالېمنىڭ سېپىللىرىنىڭ يەنىلا خارابلىقتا ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.


بىراق ھازىر مەن ئۇلارغا: _ بىزنىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىمىزدىن سىلەرنىڭ خەۋىرىڭلار بار. چۈنكى يېرۇسالېم خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرماقتا. يېرۇسالېم سېپىلىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىپ، خورلۇققا خاتىمە بېرەيلى! _ دېدىم.


پادىشاھقا: _ ئالىيلىرىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئەجدادلىرىم دەپنە قىلىنغان شەھەر خارابلىقتا، شەھەر دەرۋازىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن ھالەتتە تۇرسا، مەن قانداقمۇ پەرىشان بولماي تۇرالاي؟ _ دەپ جاۋاب بەردىم.


ئۇززىيا يېرۇسالېمنىڭ «بۇلۇڭ دەرۋازىسى»، «جىلغا دەرۋازىسى» ۋە سېپىلنىڭ ئايلانمىسىغا مۇستەھكەم مۇنارلارنى سالدى.


مەن يەھۇدىيە ئەمەلدارلىرىنى سېپىل ئۈستىگە يىغدىم ۋە مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنى ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلدۈم. بىر بۆلىكى سېپىل ئۈستى بىلەن جەنۇبىي يۆنىلىشتىكى قىغ دەرۋازىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.


شۇنىڭ بىلەن مەن قاراڭغۇلۇقتا جىلغىنى بويلاپ، سېپىللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم. ئاندىن بۇرۇلۇپ، جىلغا دەرۋازىسى ئارقىلىق قايتىپ كەلدىم.


مەن سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارغا شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى: ‹سىلەر مېنىڭ ئۈزۈمزارلىقىمغا كىرىپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار، لېكىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتمەڭلار. ئۈزۈمزارلىق ماڭا مەنسۇپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، تەكلەرنى كېسىۋېتىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite