Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 2:1
9 Referans Kwoze  

نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن، پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرىدە ئەزرا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ سىرايانىڭ ئوغلى بولۇپ، سىرايا ئازاريانىڭ ئوغلى، ئازاريا خىلقىيانىڭ ئوغلى،


ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.


تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم.


ئاخاشۋېروشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى 1-ئايدا، يەنى نىسان ئېيىدا بۇ پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىر كۈننىڭ بەلگىلىنىشى ئۈچۈن ھاموننىڭ ئادەملىرى ئۇنىڭ ئالدىدا «پۇر»، يەنى چەك تاشلىدى. چەك 12-ئاينىڭ، يەنى ئادار ئېيىنىڭ 12-كۈنىگە چىقتى. بۇ تەخمىنەن بىر يىلدىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى.


پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.


ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،


قولۇمدا پىرئەۋننىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پىرئەۋنگە سۇنۇپتىمىشمەن.


شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان 62 كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.


يەنە يىللار ئۆتۈپ پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى زامانىغا كەلگەندە، بىشلام، مىترىدات، تابىئال ۋە باشقا ئەمەلدارلار ئۇنىڭغا مەكتۇپ يازدى. بۇ مەكتۇپ ئاررامىي تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، پادىشاھقا تەرجىمە قىلىپ سۇنۇلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite