9 مەن روھانىيلارغا ھەممە ئۆيلەرنى يېڭىدىن پاكلاشنى، ئاندىن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى، سۇنۇلغان ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى ئۇ ئۆيگە قايتۇرۇپ ئەكىرىشنى بۇيرۇدۇم.
مۇنداق دېدى: _ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار! ئاندىن ئەجدادلىرىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار.
ئۇلار پاكلاش مۇراسىمىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى ئۆتىدى. مۇناجاتچىلار ۋە دەرۋازىۋەنلەرمۇ داۋۇت پادىشاھ ئوغلى سۇلايمانغا بۇيرۇغىنىدەك ئۆز خىزمەتلىرىنى قىلىشتى.
بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.
ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.