6 بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، مەن يېرۇسالېمدا ئەمەس ئىدىم. بابىل پادىشاھى ئارتاخشاستىنىڭ 32-يىلى مەن ئۇنىڭ يېنىغا بارغانىدىم. كېيىن مەن قايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن رۇخسەت سورىدىم.
مەن يەھۇدىيە رايونىغا باشلىق بولغان 12 يىل جەرياندا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن 32-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى.
بىر كېچىسى، ھەممە ئادەم ئۇيقۇغا چۆمگەندە، ئۇ ئادەمنىڭ دۈشمىنى كېلىپ، بۇغداينىڭ ئارىسىغا ياۋا ئوت ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىپ كېتىپتۇ.
تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.
ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.
ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭغا: _ يۈرۈڭ، بىزگە بۇت ياساپ بېرىڭ، ئۇ بىزگە يول كۆرسەتسۇن. بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.