Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 13:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئەلياشىب بۇرۇن توبىياغا ئىبادەتخانىغا قاراشلىق چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بەرگەنىدى. ئىلگىرى بۇ خانىدا ئاشلىق ھەدىيەلىرى، خۇشبۇي بۇيۇملار ۋە ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىناتتى. بۇ خانىدا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارغا ئاتالغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ھەم روھانىيلارغا ئاتالغان ھەدىيەلەرمۇ ساقلىناتتى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 13:5
9 Referans Kwoze  

ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.


لاۋىيلار بۇنى يىغقاندا، روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بىر روھانىي ئۇلار بىلەن بىرگە بارىدۇ، ئاندىن لاۋىيلار يىغىلغان ئاشلىقلارنى ئىبادەتخانا ئامبارلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ.


قالغان پۇللارنى ياغاچچى ۋە قۇرۇلۇشچىلارغا بەردى. ئۇلار بۇرۇنقى يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن خاراب بولغان ئىبادەتخانىنى ئوڭشاش ئۈچۈن يونۇپ تەييارلانغان تاش، لىم ۋە ۋاسىلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.


بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.


مەن يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، ئەلياشىبنىڭ توبىياغا ئىبادەتخانا ھويلىسىدىكى بىر ئېغىز ئۆينى بوشىتىپ بېرىپ، رەزىللىك قىلغانلىقىنى بايقىدىم.


ئىچكىرىكى ھويلىغا كىرىدىغان شىمالىي دەرۋازا ئىمارىتىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ يان تەرىپىدە بىر ئېغىز ئۆي بار بولۇپ، ئۇ ئۆيگە تاشقىرىقى ھويلىدىن كىرگىلى بولاتتى. كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار مۇشۇ ئۆيدە پاكىزلىناتتى.


شۇنىڭ بىلەن خىزكىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئامبار تەييارلاش بۇيرۇقىنى بەردى. ئامبار تەييارلانغاندىن كېيىن،


تەۋرات قانۇنىغا بىنائەن بىز تۇنجى ئوغلىمىز ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ئىبادەتخانىدىكى روھانىيلارغا ئېلىپ بارىمىز.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite