Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 13:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بۇنىڭدىن بۇرۇن روھانىي ئەلياشىب ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئاممونلاردىن بولغان توبىيا بىلەن تۇغقانچىلىقى بار ئىدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 13:4
7 Referans Kwoze  

ئۇ كۈنى بەزى ئەرلەر ھەدىيەلەر، تۇنجى ئالغان ھوسۇل ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ساقلىنىدىغان ئىبادەتخانا ئامبارلىرىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەندى. ئۇلار تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگىنى بويىچە شەھەر سىرتىدىكى ئېتىزلاردىن روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى يىغىۋېلىشقا مەسئۇل بولدى. يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلق روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن خۇرسەن بولدى.


باش روھانىي ئەلياشىبنىڭ ئوغلى يويادانىڭ بىر ئوغلى خورونلۇقلاردىن بولغان سانباللاتنىڭ قىزىنى ئالغانىكەن، شۇڭا مەن ئۇنى ئالدىمدىن قوغلىۋەتتىم.


خورونلۇق سانباللات بىلەن ئاممونلاردىن بولغان ئەمەلدار توبىيا بىر ئادەمنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ياردەمگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خاپا بولۇپتۇ.


باش روھانىي يوشۇۋا يوياقىمنىڭ ئاتىسى، يوياقىم ئەلياشىبنىڭ ئاتىسى، ئەلياشىب يويادانىڭ ئاتىسى ئىدى.


سانباللات، توبىيا، شۇنداقلا گەشەم ئىسىملىك ھېلىقى ئەرەب ۋە باشقا رەقىبلەر بىزنىڭ سېپىلنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىمىزدىن ۋە بىرەر يېرىقىنىڭمۇ ئېتىلمەي قالمىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپتۇ. ئەمەلىيەتتە، بىز تېخى سېپىلنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتمىغانىدۇق.


باش روھانىي ئەلياشىب ۋە ئۇنىڭ روھانىي قېرىنداشلىرى قوي دەرۋازىسىنى قايتىدىن ياساپ، ئۇنى خۇداغا بېغىشلىدى ۋە دەرۋازا قاناتلىرىنى ئورناتتى. ئاندىن سېپىلنى يۈز مۇنارىغىچە ئۇزارتىپ، خۇداغا بېغىشلىدى. كېيىن ئۇنى خانانئېل مۇنارىغىچە ئۇزارتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite