نەخەمىيا 13:21 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى21 شۇنىڭ بىلەن مەن: _ سىلەر نېمە ئۈچۈن كېچىنى سېپىل سىرتىدا ئۆتكۈزىسىلەر؟ ئەگەر يەنە شۇنداق قىلساڭلار، ئەدىپىڭلارنى بېرىمەن! _ دەپ ئاگاھلاندۇردۇم. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە قايتا كەلمىدى. Gade chapit la |
ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم.