نەخەمىيا 13:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 يېرۇسالېمدا تۇرىدىغان تىر شەھىرىدىن كەلگەنلەر بېلىق ۋە ھەر خىل تاۋارلارنى ئېلىپ كېلىپ دەم ئېلىش كۈنىدە يەھۇدىيەدىكىلەرگە سېتىۋاتاتتى، ھەتتا يېرۇسالېمدىمۇ شۇنداق قىلىۋاتاتتى. Gade chapit la |
يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى پەرزەنتلىرىڭلار، قۇللىرىڭلار، دېدەكلىرىڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچكىم ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. ھەتتا ئۆكۈزۈڭلار، ئېشىكىڭلار ياكى باشقا چارۋا مېلىڭلارنىمۇ ئىشلەتمەڭلار. قۇللىرىڭلار ۋە دېدەكلىرىڭلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش دەم ئالسۇن.
ئۇ كۈنلەردە مەن بەزى يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئۈزۈم ئېزىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئادەملەرنىڭ يەنە ئاشلىق ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە ئېشەكلىرىگە ئارتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىدە شاراب، ئۈزۈم، ئەنجۈر ۋە ھەر خىل مەھسۇلاتلارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنى بۇ كۈندە مەھسۇلاتلىرىنى ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردۇم.