10 مەن يەنە لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك تەمىناتىنى بەرمىگەنلىكىنى، شۇڭا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان مۇناجاتچىلار ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ ئېتىزغا ئىشلەشكە كەتكەنلىكىنى بايقىدىم.
بىز ھەر يىلى ئەڭ ياخشى ئۇن ۋە باشقا ھەدىيەلەر، ھەر خىل مېۋىلەر، شارابلار ھەم زەيتۇن ياغلىرىنى ئىبادەتخانىنىڭ ئامبارلىرىدا ساقلاش ئۈچۈن روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىمىز. بىز يېرىمىزدىن چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى لاۋىيلارغا تاپشۇرىمىز. لاۋىيلار بۇنى ھەممە يېزىلىرىمىزدىن يىغىدۇ.
ئىنسان خۇدانىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلىيالامدۇ؟ دەرھەقىقەت، سىلەر مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئوغرىلىدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ئوغرىلىيالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشنى ۋە ھەدىيەلەرنى ئوغرىلىدىڭلار.
زىرۇببابەل ۋە نەخەمىيا زامانىسىغا كەلگەندە، بارلىق ئىسرائىللار مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە باشقا لاۋىيلارنىڭ كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىنى تەمىنلەپ بەردى. لاۋىيلار روھانىيلارنىڭ ئۈلۈشىنى بەردى.
ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، سىلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىساڭلارلا لاۋىيلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن.
لاۋىيلار ۋە باشقا ئىسرائىللار ھەدىيە قىلىنغان ئاشلىق، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىنى ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرى ساقلىنىدىغان ۋە نۆۋەتچى روھانىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى ھەم مۇناجاتچىلىرى تۇرىدىغان ئىبادەتخانا ئۆيلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. بىز نەزىرىمىزنى ئىبادەتخانىدىن نېرى قىلمايمىز.»
ئۇ يېرۇسالېم خەلقىگە: _ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىلىرىنى بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ۋەزىپىلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئادا قىلىدۇ، _ دېدى.
سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار، ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار. مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟ ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟