6 پەرەسنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان ئەۋلادلىرىدىن جەمئىي 468 پالۋان بار ئىدى.
مائاسېيا _ مائاسېيا بارۇكنىڭ ئوغلى، بارۇك كولخوزەنىڭ ئوغلى، كولخوزە خازايانىڭ ئوغلى، خازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يويارىبنىڭ ئوغلى، يويارىب زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا شېلاھنىڭ ئەۋلادى.
بىنيامىن قەبىلىسىدىن: ساللۇ _ ساللۇ مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام يوئېدنىڭ ئوغلى، يوئېد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا قولايانىڭ ئوغلى، قولايا مائاسېيانىڭ ئوغلى، مائاسېيا ئىتىئېلنىڭ ئوغلى، ئىتىئېل يىشايانىڭ ئەۋلادى.
لېكىن بۇ بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا تۇغۇت ئانىسى: _ سەن مۇشۇنداق تالىشىپ چىقتىڭ؟ _ دېدى. شۇڭا بالىغا پەرەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ ئىسىم قويۇلدى.
يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى.
بۇلارنىڭ ئىچىدە يەھۇدانىڭ ئوغلى پەرەسنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئۇتايمۇ بار ئىدى. ئۇتاي ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى، ئاممىھۇد ئومرىنىڭ ئوغلى، ئومرى ئىمرىنىڭ ئوغلى، ئىمرى بانىنىڭ ئوغلى ئىدى.