Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 11:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 بۇ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى يېتەكچىلەرنىڭ ئىسىملىكى: (روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى، پادىشاھ سۇلايماننىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بەزى ئىسرائىللار يەھۇدىيەدىكى باشقا جايلاردا، يەنى ئۆز ماكانلىرىدا ياشىدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 11:3
14 Referans Kwoze  

روھانىيلار، لاۋىيلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى. كۈز پەسلىدە ئىسرائىللار ئۆز يۇرتلىرىغا ئورۇنلىشىپ بولدى.


ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،


تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم ۋە باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.


قالغان ئىسرائىللار، روھانىيلار ۋە لاۋىيلار يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆز يەرلىرىدە ياشىدى.


تۆۋەندىكىلەر بابىلدىن قايتقان يەھۇدىي سۈرگۈنلەرنىڭ تىزىملىكىدۇر. بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر بۇرۇن ئۇلارنى بابىلغا ئەسىر قىلىپ، ئېلىپ كەتكەنىدى. بىراق ھازىر ئۇلار ئۆز يۇرتلىرى يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا جايلىرىغا قايتىپ كەلدى.


روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، ئىبادەتخانا دەرۋازىۋەنلىرى، ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرى ۋە بىر قىسىم كىشىلەر يېرۇسالېم ئەتراپىغا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىغا جايلاشتى.


يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىن بەزىلەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى.) يەھۇدا قەبىلىسىدىن: ئاتايا _ ئاتايا ئۇززىيانىڭ ئوغلى، ئۇززىيا زىكىرىيانىڭ ئوغلى، زىكىرىيا ئاماريانىڭ ئوغلى، ئاماريا شىفاتيانىڭ ئوغلى، شىفاتيا ماھالالئېلنىڭ ئوغلى، ماھالالئېل پەرەسنىڭ ئەۋلادى.


زىرۇببابەل، يوشۇۋا، نەخەمىيا، ئازاريا، رائاميا، ناخامانى، موردىكاي، بىلشان، مىسپەرەت، بىگۋاي، نىخۇم ۋە بائانالار ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنى قايتۇرۇپ كەلدى. سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىل ئەرلىرىنىڭ سانى:


روھانىيلاردىن: يىدايا جەمەتىدىن (يوشۇۋانىڭ ئەۋلادلىرى) 973 كىشى،


لاۋىيلاردىن: يېشۇۋا ۋە قادمىئېل جەمەتىدىن (ھوداۋيا ئەۋلادلىرى) 74 كىشى،


ئىبادەتخانا خىزمەتكارلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىدىن: زىخا، خاسۇفا، تاببائوت،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite