Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 11:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 ئۇززى يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلارنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئۇ بانىنىڭ ئوغلى، بانى خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادىدىن ئىدى. ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرى ئىبادەتخانىنىڭ مۇناجاتچىلىرىغا مەسئۇل ئىدى.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 11:22
19 Referans Kwoze  

ئۇ يەردە يەنە مائاسېيا، شىمايا، ئەلئازار، ئۇززى، يىھوخانان، مالكىيا، ئېلام ۋە ئەزەرلەر بار ئىدى. مىننەتدارلىق ناخشىلىرىنى ئېيتىدىغانلار يىزراخيانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۈنلۈك ئاۋازدا ناخشا ئېيتىشتى.


ئاندىن بەزى روھانىيلار كاناي چېلىپ، ئاساف ئەۋلادىدىن بولغان زىكىرىيا بىلەن ماڭدى. زىكىرىيا يوناتاننىڭ ئوغلى، يوناتان شىمايانىڭ ئوغلى، شىمايا ماتتانيانىڭ ئوغلى، ماتتانيا مىكايانىڭ ئوغلى، مىكايا زاككۇرنىڭ ئوغلى، زاككۇر بولسا ئاساف ئەۋلادىدىن ئىدى.


ئاماشساينىڭ جەمەتىدە 128 پالۋان بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى ھاگىدولىمنىڭ ئوغلى زابدىئېل ئىدى.


ۋە سىرايا. سىرايا خىلقىيانىڭ ئوغلى، خىلقىيا مىشۇللامنىڭ ئوغلى، مىشۇللام زادوقنىڭ ئوغلى، زادوق مىرايوتنىڭ ئوغلى، مىرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى، ئاخىتۇب بولسا ئىبادەتخانىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغانىدى.


زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ باشلىقى، ھاسسىنۇئانىڭ ئوغلى يەھۇدا مۇئاۋىن باشلىقى ئىدى.


ھودىيا، بانى ۋە بىنىنۇلار.


مىكا، رىخوب، خاشابيا،


ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغان خەلققە يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايا قاتارلىق لاۋىيلار قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.


بانىنىڭ ئوغلى رىخۇمنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەيدىغان بىر توپ لاۋىيلار ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى. ئاندىن قىيلاھ رايونىنىڭ يېرىمىنى باشقۇرغۇچى خاشابيا ئۆز رايونىنىڭ نامىدىن ئۇنىڭدىن كېيىنكى بۆلىكىنى رېمونت قىلدى.


يەنە ئۇلار مىرارى جەمەتىدىن خاشابيا ۋە يىشايا ھەم ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئەر قېرىنداشلىرى بولۇپ جەمىئىي يىگىرمە كىشىنىمۇ ئەۋەتتى.


ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان!


مەن روھانىي شەلەميا، پۈتۈكچى زادوق ۋە لاۋىيلاردىن بولغان پىدايانى ئامبارلارغا مەسئۇل قىلدىم. مەن يەنە ماتتانيانىڭ نەۋرىسى، زاككۇرنىڭ ئوغلى بولغان خاناننى ئۇلارغا ياردەمچى قىلدىم. بۇلار ئىشەنچلىك ئادەملەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرى قېرىنداشلىرى بولغان لاۋىيلارغا ئۈلۈشلىرىنى ئادىللىق بىلەن تەقسىم قىلىپ بېرىش ئىدى.


بۇرۇن داۋۇت پادىشاھ ۋە ئاسافنىڭ زامانىسىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇش ۋە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ناخشىلىرىنى ئېيتقۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىرى بولۇش ئادىتى بار ئىدى.


مىفىبوشەتنىڭ مىكا ئىسىملىك بىر كىچىك ئوغلى بار ئىدى. زىبانىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى مىفىبوشەتنىڭ خىزمەتكارلىرى بولدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite