16 لاۋىيلارنىڭ يېتەكچىلىرىدىن شاببىتاي ۋە يوزاباد ئىبادەتخانىنىڭ تاشقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىدى.
ئۆز ئورۇنلىرىدا تۇرغان خەلققە يېشۇۋا، بانى، شېرېبىيا، يامىن، ئاققۇب، شاببىتاي، ھودىيا، مائاسېيا، قىلىتا، ئازاريا، يوزاباد، خانان ۋە پىلايا قاتارلىق لاۋىيلار قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بەردى.
تۆتىنچى كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە قاچا-قۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئۇرىيانىڭ ئوغلى روھانىي مىرېموتقا تاپشۇرۇپ بەردۇق. روھانىي مىرېموتنىڭ يېنىدا پىنىخاسنىڭ ئوغلى ئەلئازار، لاۋىيلاردىن يېشۇۋانىڭ ئوغلى يوزاباد ۋە بىننۇينىڭ ئوغلى نوئاديا بار ئىدى.
يىزھارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان كىنانيا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسرائىلىيەنىڭ مەمۇرىي ۋە دەۋا ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، ئىبادەتخانىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل قىلىندى.
ئاخىيا باشچىلىقىدىكى باشقا لاۋىيلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى خەزىنىلەرنى ۋە خۇداغا تەقدىم قىلىنغان بۇيۇملار ساقلىنىدىغان ئامبارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
لاۋىيلاردىن: شىمايا _ شىمايا خاششۇبنىڭ ئوغلى، خاششۇب ئازرىقامنىڭ ئوغلى، ئازرىقام خاشابيانىڭ ئوغلى، خاشابيا بۇننىنىڭ ئوغلى.
ماتتانيا _ ماتتانيا مىكانىڭ ئوغلى، مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى بولسا ئاسافنىڭ ئەۋلادى. ئۇ ئىبادەتخانىدا پەرۋەردىگارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە ۋە دۇئا قىلىشقا يىتەكچىلىك قىلاتتى. باقبۇقيا ماتتانيانىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ئابدا _ ئابدا شاممۇۋانىڭ ئوغلى، شاممۇۋا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يىدۇتۇننىڭ ئوغلى.
پەقەت ئاسائېلنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن تىقۋاھنىڭ ئوغلى ياخزىيا بۇنىڭغا قارشى چىقتى. ئۇلارنى مىشۇللام بىلەن لاۋىيلاردىن شاببىتاي قوللىدى.