1 مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار: خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.
يۈز بەرگەن بۇ ئىشلار ۋەجىدىن بىز ۋەدىنامە يازدۇق. ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز ۋە لاۋىيلار ئۆز مۆھۈرلىرىنى باستى.
خەلق قانۇننى ئاڭلاپ، كۆز يېشى قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيە باشلىقى نەخەمىيا، تەۋرات ئۇستازى روھانىي ئەزرا ۋە قانۇن توغرۇلۇق چۈشەنچە بېرىدىغان لاۋىيلار خەلققە: _ بۈگۈن پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۈچۈن مۇقەددەس كۈندۇر! سىلەر يىغا-زار قىلماڭلار!
تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم.
بەزى جەمەت باشلىقلىرى ئىبادەتخانىنى قايتىدىن بىنا قىلىش ئۈچۈن ئۆز مۈلۈكلىرىدىن ئىئانە قىلدى. يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى خەزىنىگە مىڭ ئالتۇن تەڭگە، 50 دانە داس، 530 قۇر روھانىي تونى ئىئانە قىلدى.
يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقى ئۇلارغا «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»نى ئىشلىتىپ، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلەلەيدىغان روھانىي كەلگۈچە، ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ روھانىيلارغا تېگىشلىكلىرىدىن يېمەسلىكنى بۇيرۇدى.
روھانىيلاردىن: سىرايا، ئازاريا، يەرەمىيا،
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئۇ ئەتىسى ئەتىگەندە تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ۋە 12 تاشنى تىكلىدى. 12 تاش ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى.
پادىشاھ تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلىپ، بۇ يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى.
شۇڭا بىز بۇ خوتۇنلار ۋە ئۇلاردىن بولغان بالىلاردىن ۋاز كېچىمىز دەپ، خۇدايىمىزغا قەسەم بېرىمىز. قەسىمىمىزنى سېنىڭ ۋە خۇدايىمىزنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان كىشىلەرنىڭ نەسىھەتلىرى بويىچە مېڭىپ، خۇدانىڭ قانۇنىغا بىنائەن ئورۇندايمىز.
«بىز بۇ زېمىندىكى يات خەلقلەر بىلەن نىكاھلانمايمىز.