8 سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئېيتقان سۆزلىرىڭنى يادىڭدا تۇتقايسەن، سەن: ‹سىلەر ئىسرائىللار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلساڭلار، سىلەرنى يات ئەللەر ئارىسىغا چېچىۋېتىمەن،
پەرۋەردىگار سىلەرنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى يات خەلقلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىۋېتىدۇ. سىلەر ئۇ يەردە ئەجدادلىرىڭلارمۇ نامىنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ياغاچ، تاش بۇتلارغا چوقۇنىسىلەر.
ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.
ئۇنتۇمىغىن مەن قۇلۇڭغا بەرگەن ۋەدەڭنى _ ماڭا ئۈمىد بېغىشلىغان ئاشۇ كالامىڭنى.
مەن سەندىكى ئادەملەرنى ياقا يۇرتلارغا ۋە يات ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن، سەندىكى ئىپلاسلىقلارنى يوقىتىمەن.
ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى، بالىلار ئۆز ئاتا-ئانىلىرىنى يەيدۇ. مەن سېنى جازالايمەن. بارلىق ھايات قالغانلارنى ھەر يەرگە چېچىۋېتىمەن.
لېكىن مەن خەلقىمنىڭ بىر قىسمىنى ھايات قالدۇرىمەن. ئۇلار قىلىچتىن ئامان قېلىپ، يات ئەللەردە ناتونۇش خەلقلەر ئارىسىدا ياشايدۇ.