Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 «ئى پەرۋەردىگار، ئەرشئەلادىكى خۇدا! سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 1:5
18 Referans Kwoze  

لېكىن مېنى سۆيگەن، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.


ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر.


ئاندىن مەن ئەھۋالنى كۆزىتىپ، جامائەت ئەربابلىرى، ئەمەلدارلار ۋە قالغان خەلققە چاقىرىق قىلىپ: _ دۈشمەندىن قورقماڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئاكا-ئۇكىلىرىڭلار، بالا-چاقىلىرىڭلار، ئاياللىرىڭلار ۋە ئۆي-ماكانىڭلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار! _ دېدىم.


سىلەر شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك خۇدادۇر. ئۇ ئۆز ئەھدىسىدە تۇرۇپ، ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلارنىڭ مىڭ ئەۋلادىغىچە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


ئەي پەرۋەردىگار، سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. سەن ئۇلۇغ، قۇدرەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك خۇدايىمىزدۇرسەن. ئاسسۇر پادىشاھلىرى بىزگە زۇلۇم سالغاندىن بېرى پادىشاھلىرىمىز، ئەمەلدارلىرىمىز، روھانىيلىرىمىز، پەيغەمبەرلىرىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ، يەنى پۈتۈن خەلقىڭنىڭ دۇچ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە سەل قارىمىغايسەن.


مۇنداق دۇئا قىلدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يەنى بىز ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئاسمان ۋە زېمىندا ساڭا تەڭداش بولالايدىغان باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر. سېنىڭ يولۇڭدا چىن قەلبى بىلەن ماڭغان خىزمەتكارلىرىڭغا ئەھدەڭدە تۇرۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى كۆرسىتىسەن.


يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ سېنىڭ كۆرسەتكەن ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ.


چۈنكى بۈيۈك پەرۋەردىگار ھەيۋەتلىكتۇر، ئۇ جاھانغا ھۆكۈمدار ئۇلۇغ پادىشاھتۇر.


جاكارلايمەنكى مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەس، ساداقىتىڭ ئەرشئەلادەك مەزمۇت، تەۋرەنمەس.


رەببىم، سەن دېدىڭكى: «تاللىۋالغان بەندەم بىلەن ئەھدە قىلدىم، قۇلۇم بولغان داۋۇتقا قەسەم قىلدىم.


ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.


«بۇ مەنكى پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ پەرمانىدۇر. پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشئەلادىكى خۇدا پۈتۈن يەر يۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى ماڭا ئاتا قىلدى. ئۇ مېنى يەھۇدىيەنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىدە ئۆزىگە ئاتاپ بىر ئىبادەتخانا سېلىشقا تەيىنلىدى.


پادىشاھ: _ مەندىن نېمە تىلەيسەن؟ _ دەپ سورىدى. مەن ئەرشئەلادىكى خۇداغا دۇئا قىلدىم ۋە


ئۇلار بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلاپ، يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، بىزنى تىرىپىرەن قىلماقچى بولدى.


ھۆكۈم ئېلان قىلىش ئۈچۈن سەن ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭدا، يەر-زېمىننى باستى قورقۇنچ سۈكىناتى، ئى خۇدا. جاكارلىدىڭ ئەرشئەلادا تۇرۇپ بۈيۈك ھۆكۈمۈڭنى، قۇتقۇزماق بولۇپ جاھاندىكى بارلىق ئېزىلگەنلەرنى. سېلاھ


ئى خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، ساڭا ئوخشاش قۇدرەت ئىگىسىدىن يەنە كىم بار؟ ئەتراپىڭنى ساداقەتلىك ئوراپ تۇرار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite