Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 1:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان خانانى بىرنەچچە كىشىلەر بىلەن بىرگە يەھۇدىيەدىن كەلدى. مەن ئۇلاردىن سۈرگۈندىن قايتىپ كەتكەن يەھۇدىيلار ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەھۋالىنى سورىدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 1:2
12 Referans Kwoze  

مەن يېرۇسالېمنى باشقۇرۇشقا قېرىندىشىم خانانىنى ۋە ئىشەنچلىك، باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىخلاسمەن قورغان قوماندانى خانانيانى تەيىنلىدىم.


ئۇلار باشقا ئەللەردە سۈرگۈندە يۈرگەن مەزگىللىرىدە، كۆڭلۈمگە قانچىلىك ئازار بېرىشكەنلىكلىرىنى ئەسلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۈمىدلىرىنى بۇتلارغا باغلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىدىن يىرگىنىدۇ.


ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.


يەھۇدىيەدىن مىسىردا ياشاشقا كەلگەن يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ھايات قالمايدۇ ياكى يەھۇدىيەگە قايتىپ كېتەلمەيدۇ. گەرچە ئۇلار قايتىپ، ئۇ يەردە ياشاشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، پەقەت ئاز ساندىكى يەھۇدىيە مۇساپىرلىرىلا ئۇ يەرگە قايتالايدۇ.»


بىز ئەمدى قانداقمۇ سېنىڭ ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بۇ كىشىلەر بىلەن نىكاھلىنايلى؟ ئەگەر شۇنداق قىلساق، سەن غەزىپلىنىپ، بىرىمىزنىمۇ قويماي ھالاك قىلمامسەن؟


سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم پادىشاھى بىلەن گومورا پادىشاھى يېڭىلىپ قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى قارا ماي كۆلچەكلىرىگە غەرق بولدى، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.


ئۇ يېرۇسالېم ئاھالىسىنى، يەنى سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت نامرات كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى.


بىر قىسىم نامراتلارنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite