Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




نەخەمىيا 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئى ئىگەم، مېنىڭ ۋە نامىڭدىن ئەيمىنىپ خۇشاللىق تاپقان باشقا كىشىلەرنىڭ دۇئاسىغا قۇلاق سالغايسەن. بۈگۈن ئىشلىرىمنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر قىلغايسەن!» بۇ مەزگىلدە مەن پادىشاھنىڭ باش ساقىيسى ئىدىم.

Gade chapit la Kopi




نەخەمىيا 1:11
27 Referans Kwoze  

مەن خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلغىنىمدا، دۇئالىرىمغا قۇلاق سالغايسەن ۋە ماڭا نەزەر سالغايسەن! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ ساڭا قارشى گۇناھ قىلغىنىغا توۋا قىلىمەن. ئەجدادلىرىم گۇناھ ئۆتكۈزدى، ھەتتا مەنمۇ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم.


ئۇنىڭدىن باشقا ئالىيلىرىنىڭ ئورمان باشقۇرغۇچىسى ئاسافنىڭ ماڭا ياغاچ بېرىشىگە مەكتۇپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىلا. پېقىر بۇ ياغاچلارنى ئىبادەتخانىنىڭ يېنىدىكى قورغاننىڭ دەرۋازىلىرى، شەھەر سېپىلى ۋە خۇسۇسىي ئۆيۈمگە لىم قىلىپ، ئىشلەتكەن بولسام. خۇدايىم ماڭا يار بولغاچقا، پادىشاھ تەلەپلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ئورۇنداپ بەردى.


تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.


بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. ۋىجدانىمىزنىڭ پاك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز، ھەر جەھەتتە توغرا يولدا مېڭىشنى ئۈمىد قىلىمىز.


پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر پادىشاھنىڭ كۆڭلى، باشلار ئۇ ئۆزى خالىغان تەرەپكە ئېرىق سۇيىدەك ئۇنى.


بابىلدىن ئايرىلغان تەۋرات ئۇستازى ئەزرا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، يەنى پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرگەن تەۋرات قانۇنىدا كامالەتكە يەتكەنىدى. ئەزرا پادىشاھتىن نېمىنى تەلەپ قىلسا، پادىشاھ شۇنى ئورۇنداپ بېرەتتى، چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئۇ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئۇنىڭغا يار بولغانىدى.


ئى پەرۋەردىگار، كۆڭۈل بۆلگىن مېنىڭ دۇئايىمغا، قۇلاق سالغىن شەپقەت سورىغان ئىلتىجايىمغا.


پېرسىيە پادىشاھى كورەشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 1-يىلى پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. پەرۋەردىگار پادىشاھ كورەشنىڭ دىلىغا سېلىپ، بىر پەرمان چۈشۈرگۈزدى. پادىشاھ ئۇنى مەكتۇپ قىلىپ پۈتكۈزۈپ، پادىشاھلىقىنىڭ ھەممە يېرىگە تارقاتتى:


ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى،


لېكىن باش ساقىي يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى.


شۇ چاغدا باش ساقىي پىرئەۋنگە مۇنداق دېدى: _ بۈگۈن مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم ئېسىمگە كەلدى.


مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن.


چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن، تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن.


ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم يوق! _ دېدى.


ھېلىقى كىشى يەنە: _ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى سەن خۇدا بىلەنمۇ ھەم ئىنسانلار بىلەنمۇ چېلىشىپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن كەلدىڭ، _ دېدى.


بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن.


مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئوردىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى مىسىر پادىشاھى، يەنى پىرئەۋننىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى.


ئى خۇدايىم، بىزگە نەزىرىڭنى ئاغدۇرۇپ، مۇشۇ جايدىن قىلىنغان دۇئاغا قۇلاق سالغايسەن.


ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى، بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى.


ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت قىلدۇردى، ئۇلارنى ئەسىر ئالغۇچىلارنىڭ دىلىغا سېلىپ.


مەن ئۇنى رەھىم-شەپقەتلىك قىلىش ئارقىلىق سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلاردا ياشاشقا يول قويىدۇ.»


پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنگۈچىلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشقاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئۇنىڭ نامىنى ھۆرمەتلىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يازمىغا پۈتۈلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite