1 تۆۋەندىكىلەر خاكاليانىڭ ئوغلى نەخەمىيانىڭ سۆزلىرىدۇر. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى كەچ كۈزنىڭ كىسلاۋ ئېيىدا، مەنكى نەخەمىيا سۇزا شەھىرىدىكى قەلئەدە تۇراتتىم.
پادىشاھ دارىئوسنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4-يىلىنىڭ 9-ئېيىدا، يەنى كىسلاۋ ئېيىنىڭ 4-كۈنى پەرۋەردىگاردىن زىكىرىياغا يەنە بىر ۋەھىي كەلدى.
مەزكۇر ۋەدىنامىگە مۆھۈرلىرىنى باسقانلار: خاكاليانىڭ ئوغلى يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى نەخەمىيا ۋە زىدقىيا.
مەن غايىبانە ئالامەتتە ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇراتتىم.
پادىشاھ ئارتاخشاستىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئەزرا بىر توپ ئىسرائىللارنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ كەلدى. بۇ كىشىلەر ئارىسىدا روھانىيلار، لاۋىيلار، مۇناجاتچىلار، دەرۋازىۋەنلەر ۋە ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بار ئىدى.
پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بىنائەن مەزكۇر پەرمان سۇزا قەلئەسىدە ئېلان قىلىندى. چاپارمەنلەر پەرماننى دەرھال ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئېلىپ كېتىشتى. بۇ ۋاقىتتا سۇزا قەلئەسى پاتىپىراقچىلىققا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ بىلەن ھامون شاراب ئىچىپ ئولتۇرۇشتى.
تۆت ئايدىن كېيىن، يەنى پېرسىيە پادىشاھى ئارتاخشاستى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 20-يىلى نىسان ئېيىنىڭ بىر كۈنى، مەن پادىشاھقا شاراب قۇيۇپ بېرىۋاتاتتىم. مەن ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرگىز پەرىشان بولۇپ باقمىغانىدىم.
ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق يەھۇدا ۋە بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمغا جەم بولدى. 9-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلق ئىبادەتخانا ئالدىدىكى مەيداندىن ئورۇن ئالدى. قاتتىق يامغۇر ۋە بۇ ئىشنىڭ جىددىيلىكى سەۋەبىدىن ھەممە ئادەمنى تىترەك باستى.
مەن يەھۇدىيە رايونىغا باشلىق بولغان 12 يىل جەرياندا، يەنى ئارتاخشاستى پادىشاھنىڭ 20-يىلىدىن 32-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا باشلىققا خاس يېمەكلىكلەرنى يېمىدىم، تۇغقانلىرىممۇ شۇنداق قىلدى.