8 ئەي نىنەۋى، سەن نو شەھىرىدىن بىخەتەر ئەمەس! ئۇ شەھەر نىل دەرياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ، سۇلار ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى. دەريا ئۇنى ئىستىھكامدەك قوغدايتتى.
سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر: «كالنېھ شەھىرىگە بېرىپ كۆرۈڭلار! ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خامات شەھىرىگە بېرىڭلار! ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار! بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟ ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟»
مەن بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بۇ غەزەپ شارابىنى ئىچكۈزىمەن. يەنى مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى، ئەمەلدارلىرى، خەلقلىرى،
باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»
بۇ پادىشاھلىق ئەللەر ئارىسىدىكى ئەڭ كىچىك بىر پادىشاھلىق بولىدۇ، ھېچقاچان باشقا ئەللەردىن ئۈستۈن بولالمايدۇ. مەن ئۇنى شۇنچىلىك ئاجىز قىلىمەنكى، ئۇ باشقا ئەللەرگە قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ