Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن قېچىپ: ‹نىنەۋى خاراب بولدى! كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ. ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!»

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 3:7
12 Referans Kwoze  

ئى يېرۇسالېم، كىم ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ؟ كىم سەن ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ؟ كىم ئاۋارە بولۇپ ئەھۋالىڭنى سورايدۇ؟


بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى، كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟ ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى، كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟


ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى: «ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر! ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر! تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»


ئەي يېرۇسالېم، نېمە دەي ساڭا؟ كىمنىڭ دەردى يېتەر ساڭا؟ ئەي سىئون، قانداق تەسەللى بېرەي ساڭا؟ نېمىگە ئوخشىتاي سېنى، ساقايماستۇر جاراھىتىڭ، تاپالايدۇ جاراھىتىڭگە كىممۇ داۋا؟


بابىلدا ياشايدىغان مۇساپىرلار مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز بابىلنى داۋالىغان بولاتتۇق، بىراق ئۇ ساقايمايدۇ. شۇڭا ئۇنى تاشلاپ، ھەممىمىز ئۆز ئېلىمىزگە كېتەيلى. بابىلنىڭ جازاسى ئاسماندەك ئېگىز دۆۋىلەنگەن بولۇپ، بۇلۇتلارغا تاقىشىدۇ.›


ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.


بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.


شۇڭا مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەنكى، مەن ئاسسۇرىيە پادىشاھىنى جازالىغاندەك، بابىل پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ زېمىنىنى جازالايمەن.


پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite