Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ناز-كەرەشمىلىك بۇزۇق پاھىشىدەك تۇتتۇڭ. جادۇگەرلىك بىلەن ئەللەرنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ، بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قۇل قىلدىڭ. سېھىر-جادۇلىرىڭ بىلەن خەلقلەرنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈردۈڭ.

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 3:4
10 Referans Kwoze  

شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ. سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ، بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.


ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا، ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ. دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى، ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.


ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ.


ئەمدى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن: سەن: ‹تەختىم مەڭگۈ مۇستەھكەم تۇرىدۇ› دەپ ئويلاپ، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتىڭ. سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەندىن باشقا مەلىكە يوق، مەن تۇل قالمايمەن، بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى تارتمايمەن› دەپ ئويلايسەن.


ئەي پاھىشە يېرۇسالېم، سۆزلىرىمگە قۇلاق سال.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite