Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 3:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر. سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ. كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 3:19
20 Referans Kwoze  

سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە.


چاۋاك چېلىپ، مازاق قىلار سېنى يولدىن ئۆتكەنلەر، ئۇلار يېرۇسالېمغا قارىشىپ، بېشىنى چايقىشىپ: «گۈزەللىكتە تەڭداشسىز شەھەر شۇمۇ؟ پۈتۈن دۇنيانى شادلاندۇرغان شەھەر شۇمۇ؟» دېيىشەر.


دەھشەتلىك بوران ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىدۇ، پۇشتەك چېلىپ ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.»


ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.


ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، - دېدى.


ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار.


ئاڭلاڭلار! شەپە كېلىۋاتىدۇ. شىمالدىكى زېمىندىن كۈچلۈك بىر قوشۇننىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتىدۇ. ئۇلار كېلىپ يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ زېمىنلار پەقەتلا چىلبۆرىلەرنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.»


مەن سىلەرگە ئېيتاي: ياراڭلار ساقايماستۇر، جاراھەتلىرىڭلار شىپا تاپمايدۇ.


سەن چوقۇم ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: _ سەن دەرھال بۈيۈك شەھەر نىنەۋىگە بېرىپ، شەھەردىكىلەرگە ھۆكۈمۈمنى جاكارلا، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ نەقەدەر رەزىل ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite