16 سىلەرنىڭ سودىگەرلىرىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار بىر توپ چېكەتكىلەردەك ھەممىنى قۇرۇقداپ، ئۇچۇپ كېتىدۇ.
خىزمەتكارىم بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىنى ۋە لاۋىيلارنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز بويىدىكى قۇملاردەك سان-ساناقسىز كۆپەيتىمەن.»
سەن ئۇلارغا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ ئەۋلاد بېرىپ، ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كەلدىڭ.
ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ: _ ئاسمانغا قارا، يۇلتۇزلارنى سانىيالىساڭ ساناپ باق. سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە ئاشۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.
خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن كەلدى يەنە چېكەتكىلەر، مىژىلداپ كەلدى سان-ساناقسىز چېكەتكىلەر.
بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟ بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان، سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى. ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.
ياش چېكەتكىلەر كېلىپ، بىر قىسىم زىرائەتلەرنى يەپ كەتتى، ئۇلاردىن قالغىنىنى يېتىلگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىن قالغىنىنى تۇخۇمدىن يېڭى چىققان چېكەتكىلەر كېلىپ يېدى، ئۇلاردىنمۇ قالغىنىنى تولۇق يېتىلمىگەن چېكەتكىلەر كېلىپ يەپ تۈگەتتى.