7 مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ، كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ، پەرياد قىلىپ، كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ.
بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ، كەپتەردەك بۇقۇلداپ، ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز، نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.
مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم، خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم. ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى، مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›
بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى.
نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى.
بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار.
پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،
ھايات قېلىپ، تاغقا قېچىپ چىقىۋالغانلار ئازابتىن خۇددى كەپتەردەك بۇقۇلدايدۇ، گۇناھلىرى سەۋەبىدىن زارلايدۇ.
دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ، ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.
جەڭچىلىرىڭلار خۇددى ئاجىز قىزلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. شەھىرىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمىنىڭلارغا كەڭ ئېچىلىدۇ، ئوت دەرۋازاڭلارنىڭ بالداقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.