6 دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ، ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.
لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ. ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ. دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.
مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ، كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ، پەرياد قىلىپ، كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ.
جەڭچىلىرىڭلار خۇددى ئاجىز قىزلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. شەھىرىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمىنىڭلارغا كەڭ ئېچىلىدۇ، ئوت دەرۋازاڭلارنىڭ بالداقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.