Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 2:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ. ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ. دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 2:5
9 Referans Kwoze  

باشقا ئەللەر سىلەرنىڭ شەرمەندىلەرچە مەغلۇپ بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلايدۇ. دۇنيا سىلەرنىڭ يىغا-زارىڭلار بىلەن تولىدۇ. باتۇرلىرىڭلارمۇ بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ، يىقىلىدۇ.»


ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى، سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى! سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى. ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.


ئاتلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ. قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ. سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ. ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.


«ئوقياچىلارنى چاقىرىڭلار! بابىلغا ھۇجۇم قىلىڭلار! ئوقيا تۇتۇپ ئوق ئاتالايدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كەلسۇن. بۇ شەھەرنى قورشىۋېلىپ، ھېچكىمنى قاچۇرۇپ قويماڭلار. بابىللىقلارنىڭ قىلغان رەزىللىكلىرىنى ئۆزىگە ياندۇرۇڭلار، ئۇلارنىڭ باشقىلارغا قىلغانلىرىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇڭلار. ئۇلار تەكەببۇرلۇق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا قارشىلىق كۆرسەتتى.


ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى. ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى. تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى: «ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»


ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھارمايدۇ، پۇتلاشمايدۇ، مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇخلاپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نە كەمەرلىرى بوشاشمايدۇ، نە چورۇقلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.


دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ، ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئاتلىرى يىلپىزدىن تېز، گۇگۇمدىكى ئاچ بۆرىدىن ھوشياردۇر. ئۇلارنىڭ ئاتلىقلىرى يىراقتىن چېپىشىپ كېلىدۇ ۋە خۇددى بۈركۈتتەك ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite