Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 جەڭ ھارۋىلىرىنى كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك ھەيدەپ، دالالاردا ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرىدۇ. ھارۋىلار مەشئەللەردەك يېنىپ، چاقماقتەك ئالغا ئېتىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 2:4
10 Referans Kwoze  

قاراڭلار، دۈشمەن قارا بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېز چاپىدۇ. ھالىمىزغا ۋاي! بىز ۋەيران بولىمىز!


ئۇنىڭ ئاتلىرى شۇنچە كۆپكى، سەن ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزاننىڭ ئاستىدا قالىسەن. ئۇ لەشكەرلىرى بىلەن سېپىلىڭنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن باستۇرۇپ كىرىدۇ. سېپىللىرىڭ ئۇنىڭ چەۋەندازلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ يۈرۈشلىرىدىن لەرزىگە كېلىدۇ.


قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە چۈشمەكتە، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كەلمەكتە، ئۇ غەزەپ بىلەن قىساس ئالىدۇ، ئوت يالقۇنى بىلەن جازالايدۇ.


زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇبتىكى پادىشاھ شىمالدىكى پادىشاھقا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمالدىكى پادىشاھ جەڭ ھارۋىلىرى، چەۋەندازلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى خۇددى كەلكۈندەك ھەممە يەرنى باسىدۇ. ئۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ.


سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،


ئەي ئاتلىقلار، جەڭگە بېرىۋېرىڭلار. ئەي ھارۋىلىق جەڭچىلەر، ھارۋىلارنى شىددەت بىلەن ھەيدەڭلار. ئەي قاۋۇل مىسىر جەڭچىلىرى، كۇش ۋە لىۋىيەدىن كەلگەن، قالقان كۆتۈرۈۋالغان ياللانما جەڭچىلەر ھەم لۇدتىن كەلگەن ئوقياچىلار، جەڭگە ئاتلىنىڭلار!


ئۇلار شىمالدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئوزۇق-تۈلۈك ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ، ساڭا ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇلار قوللىرىغا چوڭ-كىچىك قالقان ئالغان، باشلىرىغا دۇبۇلغا كىيگەن بولۇپ، تۆت تەرەپتىن سېنى قورشاۋغا ئالىدۇ. ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىنى ئۇلارغا بېرىمەن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە سېنى جازالايدۇ.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «ئەي تىر شەھىرى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چەۋەندازلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور قوشۇنى بىلەن شىمالدىن ساڭا ھۇجۇم قىلدۇرىمەن.


قار ياغسىمۇ ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن يوقتۇر ئەندىشىسى، چۈنكى قېلىن كىيىندۈرۈلگەن ئۇلارنىڭ ھەممىسى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite