Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟ ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى، ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 1:9
17 Referans Kwoze  

بىكار قىلار پەرۋەردىگار خۇداسىزلارنىڭ قارارلىرىنى، يوق قىلار ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسەتلىرىنى.


يامانلىق قىلىشقا ئۇرۇنسىمۇ ئۇلار ساڭا، ئويلاپ چىقسىمۇ ھەم ھىيلە-مىكىر، ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرالماس پەقەتلا.


ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.


بىز بۇ قوراللار بىلەن بىمەنە سەپسەتىلەرنى ۋە خۇدانى تونۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان ھەر خىل كۆرەڭ كۆزقاراشلارنى بىتچىت قىلىمىز ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئۆز ئوي-پىكىرلىرىنى ئەيسا مەسىھكە بېقىندۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قايىل قىلىمىز.


ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان ۋە پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغان بىرى چىقتى.


ئابىشاي داۋۇتقا: _ بۈگۈن پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭىزنى قولىڭىزغا تاپشۇرۇپتۇ. ئەمدى ئىجازەت بېرىڭ، ئۇنى نەيزە بىلەن يەرگە مىخلاپ قوياي. بىرلا سانجىسام بولدى، ئىككىنچى سانجىشىمنىڭ ھاجىتى يوق! _ دېدى.


مەن روھانىي ئەلىنىڭ ئائىلىسى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


ئاماسا يوئابنىڭ سول قولىدىكى خەنجەرنى بايقىمىدى. شۇ چاغدا يوئاب خەنجىرى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىۋەتتى. ئۇنىڭ ئىچ-قارنى يەرگە شاللاقىدە چۈشتى. ئاماساغا ئىككىنچى خەنجەر ئۇرۇشنىڭ ئورنى قالمىدى. ئۇنىڭ جېنى دەرھال چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب ۋە ئاكىسى ئابىشايلار بىكرىنىڭ ئوغلى شىبانى داۋاملىق قوغلاشقا ماڭدى.


مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ. ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى.


شۇندىن كېيىن: «بابىل ۋە ئۇنىڭ خەلقى سۇغا چۆكتۈرۈۋېتىلگەن ئورام يازمىغا ئوخشاش چۆكۈپ كېتىدۇ، قايتا كۆتۈرۈلمەيدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.» دېگىن. يەرەمىياغا كەلگەن ۋەھىيلەر مۇشۇنىڭ بىلەن تۈگىدى.


مەن ئىگەڭ پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيمەن: «قارا، ئاپەت كەلمەكتە، ئاپەتلەر كەينى-كەينىدىن كەلمەكتە.


شۇندىلا جاھان ئەھلى قىلىچىنى غىلىپىدىن چىقارغۇچىنىڭ مەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىشىدۇ. مەن قىلىچىمنى غىلىپىغا قايتا سالمايمەن.»


مەن ئۇلارنى تەربىيەلەپ، بىلەكلىرىنى كۈچلۈك قىلدىم، لېكىن ئۇلار ماڭا قارشى يامانلىق ئويلايدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite