Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ناھۇم 1:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى: «سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ. مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن. مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




ناھۇم 1:14
21 Referans Kwoze  

قۇرۇتۇلۇپ ئۇنىڭ نەسلى، قالمىسۇن كېيىنكى ئەۋلادلىرى.


بۇتلىرىڭلارنى ۋە بۇتسىمان تاش تۈۋرۈكلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. سىلەر ئەمدى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىغان نەرسىلەرگە چوقۇنمايسىلەر.


ھەققانىيلار مۇبارەك ئەسلىمىلەر قالدۇرار. يامانلارنىڭ نامى تېزلا ئۇنتۇلۇپ قالار.


بىر كۈنى سانخېرىب بۇتخانىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.


شۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىپلاس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ.


«بارلىق ئەللەرگە جاكارلاڭلار، ئۇقتۇرۇڭلار، تۇغ كۆتۈرۈپ ئېلان قىلىڭلار. ھېچنېمىنى يوشۇرماي مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: ‹بابىل ئىشغال قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھى ماردۇق نومۇستا قالدۇرۇلىدۇ ۋە ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. بابىلنىڭ بۇتلىرى نومۇستا قېلىپ، ۋەھىمىگە چۈشىدۇ.›


مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار! مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار.»


بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ. مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ، مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.


قورام تاشتەك پاناھ بولغىن دائىم ماڭا، سەن مېنىڭ تېغىمدۇرسەن قورغان كەبى، ئىرادە قىلدىڭ مېنى ئۆزۈڭ قۇتقۇزماققا.


پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ بارگاھىغا بىر پەرىشتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بارلىق خىللانغان لەشكەرلىرى ۋە سەركەردىلىرىنى ھالاك قىلدى. سانخېرىب نومۇس ئىچىدە يۇرتىغا قايتىپ كەتتى. ئۇ ئۆز ئىلاھىنىڭ بۇتخانىسىغا بارغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرقانچىسى بىرلىكتە ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈردى.


مەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنى مەڭگۈ جازالايدىغانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئېيتقانىدىم. چۈنكى ئۇ ئوغۇللىرىنىڭ ئېغىر گۇناھلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى توسمىدى.


مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.


بۇ كېچىسى مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ يۈرۈپ، مەيلى تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇل ياكى تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال بولسۇن، ھەممىسىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىمەن چۈنكى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.


ئۇلار دۇنيادىن نام-نىشانسىز غايىب بولىدۇ، ئىسمى ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمايدۇ.


سىلەردىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوقىتىمەن، شەھەرلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن.


ئۆزۈڭلارنىڭ سۇيىقەستى ئۆز نامىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ. سىلەر نۇرغۇن خەلقلەرنى يوقاتقانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارغا ھالاكەت ئېلىپ كېلىسىلەر.


ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، ئىقتىدارلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى،


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite