Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:9
15 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى ۋە ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى.


يۇنۇس پەيغەمبەر يوغان بىر بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز قانداق تۇرغان بولسا، ئىنسانئوغلىمۇ يەرنىڭ باغرىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز شۇنداق تۇرىدۇ.


مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ.


- جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.


ئۇ تالاش-تارتىش قىلماس، چۇقانمۇ كۆتۈرمەس. كوچىلاردىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىماس.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما، لېكىن ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكىلەرگە بۇنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى. لېكىن، ھەرقانچە بۇيرۇغان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خەۋەرنى شۇنچە كەڭ يېيىۋەتتى.


شاگىرتلار شۇئان ئەتراپىغا قاراشتى، لېكىن يېنىدا ھەزرىتى ئەيسادىن باشقا ھېچكىم كۆرۈنمىدى.


ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى.


ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite