6 پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى شاگىرتلار ناھايىتى قورقۇشۇپ كەتكەنىدى.
ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.
پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى.
شۇ ئەسنادا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. بۇلۇتتىن خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم؛ ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋازى كەلدى.
بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى.