4 توساتتىن، شاگىرتلارغا ئىلياس پەيغەمبەر ۋە مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقى كۆرۈندى.
ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.
مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭد ن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟!
ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟
ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.
- بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، - دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە بولغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىملىرىدە، شۇنداقلا تەۋراتتا ئالدىن بېشارەت بېرىلگەن.
كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى.
پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، - دېدى.