17 كۆپچىلىكتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: - ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سىزنىڭ ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىۋېلىپ، گەپ قىلالماس قىلىپ قويدى.
بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان جىننى ئۇنىڭ تېنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، گاچا زۇۋانغا كەلدى. كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى.
ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، جىننى ئەيىبلەپ: - ئەي ئادەملەرنى گاس ۋە گاچا قىلىدىغان جىن! بۇيرۇق قىلىمەنكى، بالىنىڭ تېنىدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! - دېدى.
ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە: - ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! - دەپ ئۆتۈندى.
توپنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ: - ئۇستاز، ئوغلۇمغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز، ئۇ بىرلا بالا ئىدى!
قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.
سۇرىيە ئۆلكىسىنىڭ فەنىكىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان يەھۇدىي ئەمەس بۇ ئايال ھەزرىتى ئەيسادىن قىزىدىكى جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى.
- تەقسىر، ئوغلۇمنىڭ ھالىغا يەتكەيسىز! بالىنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى بولغاچقا، ھالى بەك خاراب، دائىم ئوتنىڭ ياكى سۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈۋالىدۇ.
شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا جىن چاپلىشىۋالغان كور ۋە گاچا بىرى ئېلىپ كېلىندى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ساقايتىپ، سۆزلىيەلەيدىغان ۋە كۆرەلەيدىغان قىلدى.
ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن چاپلاشقان بىر گاچا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن: - ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشىۋاتىسىلەر، - دەپ سورىدى.
جىن ھەر قېتىم ئوغلۇمغا چاپلاشسا، ئۇنى يەرگە يىقىتىۋېتىدۇ. بالىنىڭ ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ. پۈتۈن ئەزايى قېتىپ قالىدۇ. شاگىرتلىرىڭىزدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، - دېدى.