Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12-13 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - ئەلۋەتتە، ئىلياس پەيغەمبەر چوقۇم قۇتقۇزغۇچى- مەسىھتىن ئاۋۋال كېلىپ، ھەممىنى قېلىپىغا سالىدۇ. ئۇنداقتا، مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە رەت قىلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگىنىگە قانداق قارايسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىلياس پەيغەمبەر ھەقىقەتەن كەلدى ۋە خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە يېزىلغاندەك، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:12
30 Referans Kwoze  

ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ، تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى.


ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.


ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان، ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان، ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ، ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ. چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «غىلاپتىن چىق ئەي قىلىچ، پادىچىمغا قارشى ئاتلان! ماڭا يېقىن تۇرغۇچىغا قارشى چىق! پادىچىنى ئۇر، قويلىرى پاتىپاراق بولسۇن. مەن قوزىلارغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرىمەن.


ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.


ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.»


ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: - سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! - دېدى.


ئىنسانئوغلى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسىچۇ كاشكى! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.


ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: _ ئۇنى كۇلالچىغا تاشلاپ بەر! بۇ ئۇلارنىڭ ماڭا لايىق كۆرگەن ئەڭ ياخشى باھاسىكەن! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ ئوتتۇز تەڭگىنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى كۇلالچىغا تاشلاپ بەردىم.


ئارىمىزغا يېنىپ كېلىپ ئى خۇدا، نامىڭنى قوغدىغىنا قايتىدىن. ھاماقەت كىشىلەرنىڭ ھەر دائىم مەسخىرە قىلغانلىرىنى چىقارمىغىن يادىڭدىن.


چۈنكى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە: - ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ، - دېگەنىدى.


- مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.


ئەلچىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن جەم بولغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭدىن: - ئى رەببىمىز، شۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسىز؟ - دەپ سورىدى.


مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە مۇنداق يېزىلغان: «تامچىلار تاشلىۋەتكەن بۇ تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.» ھەزرىتى ئەيسا دەل شۇ «تاش»~تۇر!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite