Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ مەنىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئۆزئارا پىكىرلەشتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 9:10
15 Referans Kwoze  

«ئېپىكۇرلار» ۋە «ستوئىكلار» دەپ تونۇلغان بەزى پەيلاسوپلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە باشلىدى. بەزىلەر: - بۇ جاھانكەزدى پوچى نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىدۇ؟ - دېيىشتى. يەنە بەزىلەر پاۋلۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلدۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەلىملىرىنى ئاڭلاپ: - ئۇ چەت ئەللىكلەرنىڭ خۇدالىرىنى تەشۋىق قىلىۋاتسا كېرەك! - دېيىشتى.


ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا تىرىلىش ۋە ئاسمانغا چىقىش بىلەن ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يازغان بۇ سۆزلەرنى ھەمدە بۇ ئىش دەل پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقاندەك چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى.


شاگىرتلار بۇ سۆزلەرنى چۈشەنمىدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسادىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.


بۇ گەپنى ئاڭلىغان پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەپ: - يا رەببىم، نېمىشقا بۇنداق خىيالدا بولىسىز؟ بېشىڭىزغا بۇنداق ئىشلار ئەسلا كەلمەيدۇ! - دېدى.


شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن ئاتىسى ئوغلى يۈسۈپنىڭ دېگەنلىرىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.


تاغدىن چۈشۈۋېتىپ، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى بۇيرۇدى.


شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە: - تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس پەيغەمبەر قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ كېلىشتىن ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite