1 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن ئايان بولغىنىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
لېكىن، ھازىر بىز ئۆزىنى قۇربان قىلىش سەۋەبىدىن شان-شەرەپ ۋە ھۆرمەت تاجى كىيدۈرۈلگەن ئەيسا مەسىھنى كۆردۇق. ئۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانلارنى دەپ، بىر مەزگىل پەرىشتىلەردىن تۆۋەن قىلىنىپ، ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىدى.
سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.
بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ.
- ئىنسانئوغلى ئۆز شان-شەرىپى ئىچىدە پۈتۈن پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە كەلگىنىدە، پادىشاھ بولۇپ شەرەپ تەختىدە ئولتۇرىدۇ.
شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، ھەرگىز بۇنداق شارابنى ئىچمەيمەن، - دېدى.
ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
ئۇ چاغدا، ئاسماندا ئىنسانئوغلىنىڭ كەلگەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈنىدۇ، يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر يىغا-زار قىلىشىدۇ. ئۇلار ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن كۆكتىكى بۇلۇتلار ئۈستىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقى ئىچىدە كەلگەنلىكىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.
بۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلار ئارىسىدا ھېلىقى شاگىرتنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقالدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى. پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېگەنىدى.