Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا خالايىقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن، يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. ئۇلار كۆپچىلىككە تارقاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:6
18 Referans Kwoze  

مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگ ن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ.


بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.


ئانىسى چاكارلارغا: - ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، - دېدى.


ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى.


خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ.


ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: - ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، - دېدى.


ھازىرلا شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ سەجدىگاھقا غىزالانغىلى چىقىشتىن بۇرۇن ئۇنى تاپالايسىلەر. كىشىلەر ئۇ كەلمىگۈچە، غىزاغا ئېغىز تەگمەيدۇ. ئۇ قۇربانلىق ئۈچۈن دۇئا قىلىپ بەرگەندىن كېيىنلا، چاقىرىلغان كىشىلەر غىزالىنىدۇ. ئەمدى مېڭىڭلار، مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇنى تاپالايسىلەر.


- قانچە نېنىڭلار بار؟ - دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە، - دېيىشتى ئۇلار.


شاگىرتلاردا يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار ئۈچۈنمۇ خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، شاگىرتلىرىغا ئۇلارنىمۇ تارقىتىشنى ئېيتتى.


- يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئۈلەشتۈرگىنىمدە، ئېشىپ قالغان نانلارنى قانچە سېۋەتكە يىغىۋالغانىدىڭلار؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - يەتتە سېۋەتكە، - دېيىشتى ئۇلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite