Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:23 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

23 ھەزرىتى ئەيسا كور ئادەمنىڭ قولىدىن يېتىلەپ يېزىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: - بىر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:23
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمنى خالايىق ئىچىدىن بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا بارماقلىرىنى تىقتى ۋە بارمىقىغا تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى.


سائۇل ئورنىدىن تۇرۇپ، كۆزلىرىنى ئېچىپ قارىدى، لېكىن ھېچ نەرسىنى كۆرەلمىدى. ھەمراھلىرى ئۇنىڭ قولىدىن يېتىلەپ دەمەشققە ئېلىپ كىردى.


ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى. ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.


سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن، سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم، مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!


شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.


بۇ ئەھدە مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى مىسىردىن چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ تۈزگەن ئەھدىدەك بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئەھدەمگە سادىق بولمىدى، شۇڭا، مەنمۇ ئۇلاردىن نەزىرىمنى يۆتكىدىم.


بۇ ئەھدە، مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قولىدىن يېتىلەپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندا تۈزگەن بۇرۇنقى ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا ساداقەتمەن ئەر بولغان بولساممۇ، ئۇلار يەنىلا ئەھدىنى بۇزدى.


ئۇ ئادەم بېشىنى كۆتۈرۈپ: - كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن. بىراق ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرىدىغان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشنى ھېچكىمنىڭ ئۇقماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇش ئالدىدا ئۇنىڭغا: - ئۆيگە قايتىش يولۇڭدا يېزىغا كىرمە، - دەپ تاپىلىدى.


قوماندان ئۇنى قولىدىن تۇتۇپ، بىر چەتكە تارتىپ: - مەلۇم قىلىدىغان نېمە ئىشىڭ بار؟ - دەپ سورىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite