Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 - بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ئۇلار ئۈچ كۈندىن بېرى يېنىمدىن كەتمىدى، يەيدىغان بىر نەرسىسىمۇ قالمىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:2
23 Referans Kwoze  

ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار قويچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز بىچارىلەر ئىدى.


سەن يەنىلا بىزگە ئىچ ئاغرىتىسەن. ئەيىبلىرىمىزنى ئاياغ ئاستىغا، پۈتكۈل گۇناھلىرىمىزنى دېڭىزنىڭ تەكتىگە تاشلايسەن.


ئى پەرۋەردىگار، تەلمۈرەر ھەممىسىنىڭ كۆزى ساڭا، بېرىسەن رىزقىنى ئۇلارغا ئۆز ۋاقتىدا.


ئاتا ئۆز بالىلىرىغا كۆيسە قانچىلىك، پەرۋەردىگار كۆيۈمچانلىق قىلار ئىخلاسمەنلىرىگە شۇنچىلىك.


ۋە خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار.


چۈنكى، بىزنىڭ بۇ باش روھانىيىمىز ئاجىزلىقلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلماي قالمايدۇ. ئۇمۇ بىزگە ئوخشاش ھەر خىل سىناقلارغا دۇچ كەلگەن، لېكىن گۇناھ سادىر قىلىپ باقمىغاندۇر.


شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.


بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا: - يىغلىماڭ، - دېدى.


جىن ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. قولىڭىزدىن كەلسە بىزگە شاپائەت قىلىپ، ھالىمىزغا يەتكەيسىز! - دېدى بالىنىڭ ئاتىسى.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلماي: - ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا رەببىڭنىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ۋە قانچىلىك مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى يەتكۈزگىن، - دېدى.


ئىچى ئاغرىغان ھەزرىتى ئەيسا قولىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - خالايمەن، پاك بولغىن! - دېۋىدى،


ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتقان ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزگەنىدى، كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ كەتتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشكىنىدە، نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردى ۋە ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسەللىرىنى ساقايتتى.


خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.


شۇڭا، ئۇ ھەر جەھەتتىن قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇنداق بولغاندا، ئۇ خۇدانىڭ خىزمىتىدە رەھىمدىل ۋە سادىق باش روھانىي بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ كەچۈرۈشىگە ئېرىشتۈرىدىغان قۇربانلىقنى بېرەلەيتتى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر يەرگە قاراپ يول ئالدى.


ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا يىقىلىپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزىلىرى يىراق يەرلەردىن كەلگەنىكەن، - دېدى.


ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قارىدى. بېشىدا بىر كۆمەچ بىلەن بىر كوزا سۇ تۇراتتى. ئۇ غىزالىنىپ، يەنە ياتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite